[color=Black]قىزنى ئەيمىنىپراق تانسىغا تارتتىم، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەيمىنگۈدەك قىز ئىدى، بۇ مېنىڭ قارىشىم، چىرايلىق قىزلارغا ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، يەنە كېلىپ مەن سەل تارتىنچاق ئىدىم، مەن ياشاۋاتقان بۇ شۇنچە چوڭ شەھەرمۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن قالغان ئۆزەمنى كەمسىتىش ئادىتىمنى(بۇ ناچار ئادەتنى) يېڭەلىشىمگە مەدەت بېرەلمەيتتى. قىز ئىككىلەنمەيلا ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە تىكىلدى، مەن بۇ سېھىرلىك كۆز نۇرلىرىدا ئېرىپ يۇمشاپ كېتىۋاتاتتىم، ئاجىز يۈرىكىم قاپقارا مومغا ئوخشايتتى، كىچىككىنە ھېسسىيات يالقۇنىمۇ ئۇنىڭ شەكلىنى، سۈپىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيتتى، مەن باشتا قىزنىڭ قولىنى تۇتتۇممۇ، ياكى ئۇ باشتا مېنىڭ قولۇمنى تۇتتىمۇ ئېسىمدە يوق، ئۇ خۇددى تاماققا ئۇستا خوتۇندەك يەڭ شىمايلاپ ماڭا تۇتۇندى ۋە ھېسسىياتىمنى خېمىر قىلىپ ئەيلەشكە باشلىدى، مۇزىكا قايسى رېتىمدا چىقىۋاتىدۇ، قەدىمىمىم نەگە كېتىۋاتىدۇ، ئاڭقىرالىغۇدەك كۈچ مەندە يوق، كاللام بىر ھېسسىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ باش ئۈستۈمدىكى رەڭدار چىراغدەك پىقىرايتتى، نەقەدەر گۈزەل ماسلىشىش بۇ، چىراغقا ھەر بىر قارىغىنىمدا رەڭدار ھاياتنىڭ، ئەتلەس كۆينەكنىڭ، رەڭلىك سورۇندا داۋاملىشىپ بارىدىغان ئويۇن-تاماشىنىڭ، قىزلار كۆزىنىڭ، شەھۋەتنىڭ، شىرىن رەزىللىكنىڭ، پۇشايماننىڭ تەكرار، دەۋرىي ئايلىنىشىنى كۆرگەندەك بولاتتىم، تەسەۋۋۇرلىرىم كەڭرى قانات ياياتتى-دە، ۋۇجۇدۇمغا شامالدەك تېگىۋاتقان قىز ھىدىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ ئۇ قىزغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمەيتتى، كۆڭۈلدە ھەممە گەپ قۇتراپ تۇرغاندا ئېغىزغا نە ھاجەت! قىزنىڭ كۆكسىدە نېمە سېھىر بارلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرماستىن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتىم، بەزى ئىستەكلەرنى خۇددى تانسىنىمۇ توغرا چۈشەندۈرگىلى بولمىغاندەك چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. قىزنىڭ بويىنىڭ مەندىن سەل ئىگىزلىكى باشتىلا مەندە بىر خىل بىئاراملىق پەيدا قىلغانىدى، بۇ بىئاراملىق ئەمدى بارا-بارا كۈچەيگىلى تۇردى، قىز بوينىنى غازدەك سوزۇپ ئەتراپىدا تانسا ئويناۋاتقانلارغا قارايتتى، بىر كىملەر بىلەن سالاملىشاتتى. بىر چاغدا ئۇ بىر ئاداش بىلەن سالاملىشىپ، پاراڭلىشىپلا كەتتى، مەن ئۇنتۇلۇپ قالدىم. ئۇ سۆلەتۋازنىڭ قولىدىكى قىزمۇ (قارىماققا بۇ شەھەرگە ماسلىشىپ بولالمىغان يۇۋاش قىزدەك قىلاتتى) بىر چەتتە قالدى. مەن ئۇ قىزغا قارايتتىم، ئۇمۇ ماڭا قارايتتى. مەن بىچارىلەرچە كۈلۈمسىرىمدىم، قىزمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تانسا ئوينايتتى. ئۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مۇڭدىشىپ كەتتىكى، ئەدەبسىزلىك بولمىسۇن دېمىسە بىزنى تاشلاپ بىر-بىرىگە ئېسىلىشقۇسى بار ئىدى.
__ كۆرۈنمەي كەتتىڭ؟
__ رېستۇراندا داپ چېلىۋاتىمەن.
__ يۇرتقا بېرىپ كەلدىڭمۇ؟
__ باردىم، يېقىندا قايتىپ كەلدىم. ئۆزەڭچۇ؟
__ شۇ، ئۇسسۇل ئويناپ…
__ يەنە شۇ بۇرۇنقى يەردىمۇ؟
__ قاچانقى گەپنى دەيسەن، كېتىپ بولغىلى نەۋاق!
__ ھازىر نەدە؟
__ ھېلى دەپ بېرەي.
__ شۇ پېتى تۇرۇپسەن…
__ شۇنداقمۇ، لېكىن سەن سەمرىپ كېتىپسەن.
__ ئانچە ئەمەستۇ، ئەمدى ئورۇقلايمەن.
__ ئورۇقلاپ قانداق قىلاتتىڭ، ئەر كىشىگە سېمىزلىك يارىشىدۇ.
__ تېلېفونۇڭ ئۆزگەردىمۇ؟
__ ئۆزگەردى، ھېلى دەپ بېرەي.
……..
مۇزىكا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، قىزنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بوينىدىن باشلاپ پۇتىغىچە تەپسىلىي قاراپ چىقتىم، كۆكسى خالتىلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، سۈرۈۋالغان مايلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىگە چۈشكەن بىلىنەر-بىلىنمەس قورۇقلارنى ياپالمىغانىدى. تونۇشمىغان، چۈشەنمىگەن چاغدىكى ئەيمىنىش ئەمدى يوقاپ كەتتى، يىراقتىن قارىغاندىكى گۈزەللىك ئەمدى خۇنۇكلىشىپ كەتتى. مەن دائىم خاتالىشىمەن، ئارتۇق ئويلىۋالىمەن، بولۇپمۇ قىزلارنى غايىۋىلاشتۇرۇۋالىمەن، لېكىن يەنىلا چۆچەكتىكى قىزلارنى سېغىنىمەن، بالىلىق مېنىڭدىن تېخى يىراقلاپ كەتكىنى يوق.
بۈدرە قىلىۋالغان چېچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ، قولۇمدىن چىقىپ كېتەلمەي تۇرغان ئۇسسۇلچىغا توختىماي سۆزلەۋاتقان ئۇ داپچىنى ئىچىمدە ھەزلەك دەپ ئاندىن ئارام تاپتىم، ھاقارەتنىڭ، ھاقارەتلىك سۆزلەرنىڭ كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇش كۈچى نەقەدەر زور-ھە! ئۇلار ئىلگىرى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىرايلىق ئاجرىشىپ كېتىپ، بىر-بىرىنى ئۇنىتالماي يۈرۈپ، ئاندىن بىر يەردە تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالغان ئامراق ئەر-خوتۇنلاردەك قىزغىن، شىرىن پاراڭلىشاتتى. بەلكىم ئۇلار ئىلگىرى بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ بىر مەزگىل ئەر-خوتۇندەك ياشىغان بولۇشى، بۇ قىزنىڭ بويىدا قېلىپ بالىسىنى ئالدۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار مۇساپىرچىلىقتا بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى دۇرۇس ھېسابلاپ، زىنانىڭ ئۈستىگە زىنا قىلىپ، ھارامدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھارامدىن بالا تېپىپ، بىگۇناھ بىر بالىنى رەھىمسىزلەرچە قۇربانلىق قىلىۋەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق سەرگەردان سەنئەتچىلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان مەنزىرە، ھالەت، تەسىرات، تۇيغۇلىرىم مېنى ئالدىمايدۇ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغان ئۇسۇلچىنىڭ بەدىنى بىلەن مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى بىر تاغ ئايرىپ تۇراتتى، يېنىمدىكى ھەزلەك بۇ تاغنىڭ مۇئەككىلى ئىدى. شۇ تاپتا جاھاندىكى ئەڭ بىمەنە، ئېچىنىشلىق بىر تانسىنى ئويناۋاتاتتىم، قولۇمدىكى ئۇسسۇلچى ھەر بىر قەدەم يۆتكىشىدە مېنىڭ يۈرىكىمنى دەسسەيتتى، غۇرۇرۇمنى پايخان قىلاتتى، ئەركەك ھۈجەيرىلىرىمنى قېرىتىپ ئۆلتۈرەتتى، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تىنىقلىرىغىچە مۇدھىش سوغۇق، بەدەننى ئاستا-ئاستا ھالسىزلاندۇرىدىغان زەھەرلىك گاز تاراۋاتامدىكىن، دېمىم سىقىلىپ، بېشىم قېيىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئۈزۈلمەيتتى، ئەسلىدە نېمە دەۋاتىدىكىن، لېكىن ماڭا ئاڭلانغىنى مۇنداق:
__ ئىش ھەققىڭ ئۆستىمۇ؟
__ ياق، سېنىڭچۇ؟
__ ئازراق ئۆستى، لېكىن شەرتى بار، كىندىك ئۇسسۇلىنى يالىڭاچ ئوينايمەن.
__ بوپتۇ، ئۇمۇ بىر ئۇسسۇلغۇ!
__ ئوينىغاندىكىن چىڭىغا چىققۇدەك ئويناي دېدىم.
__ بوپتۇ، كۆكسۈڭگە پۇل قىستۇرۇپ قويىدىغانلار باردۇ؟!
__ بار، بولمامدىغان، بايلار پۇلىنى بىزگە خەجلىمىسە نەگە خەجلەيدۇ!؟
__ سەنغۇ قىز بالا، بىر ئۇسسۇل ئويناپ قويساڭ پۇل دېگەن غازاڭدەك ياغىدۇ، لېكىن بىز شۇ لاۋبەننىڭ بەرگىنىگە شۈكرى دەپ ئولتۇرىمىز.
__ سەن ئۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ دەپ ئويلامسەن، لاۋبەن دېگەن چوشقا يېرىمىنى ئېلىۋالىدۇ.
__ شۇنداقتىمۇ يېرىمى قالىدۇ-دە، ئىشقىلىپ ماڭا قارىغاندا ياخشى.
__ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، ھەپتىدە تاپقان پۇل گىرىم بۇيۇملىرى، ئېسىل بىر قۇر كىيىم ئېلىشقىمۇ يەتمەيۋاتسا… تېخى ئۆي ئىجارىسى تۆلەيمىز.
__ ئايرىم ئۆيدە تۇرۇۋاتامسەن؟
__ نەدىكىنى، ئۈچ قىز بىلەن خېجۇ قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئايرىم ئۆينىڭ ئىجارىسىنى سەن تۆلەمتىڭ؟
__ تۆلىسەم تۆلەي…__ داپچى ھەزلەكلەرچە كۈلدى، قولۇمدىكى ئۇسسۇلچىنىڭ چىرايىدىمۇ بىر ھاياسىزلىق جىلۋىلەندى، تەلۋە بىر جىنسىي ھاياجاندىن ئېغىپ كەتكەن يۈرىكىمگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ تۇرغان قولۇممۇ تىترەپ كەتتى. بۇ پەيتتە ئۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزەمنىڭ تەنناز، سەتەڭ بىر ئۇسسۇلچىنىڭ بەدىنىگە ناھايىتى يېقىن تۇرغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇرغان، ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆلگۈر ھەۋىسىنى ئۇنتۇيالمايۋاتقان بىر ئەركەك ئىكەنلىكىمنى ناھايىتى ئېنىق، چوڭقۇر بىلەتتىم.
__ ئۆزەڭچۇ، كىم بىلەن خېجۇ قىلىۋاتىسەن؟
__ بىر بالا بىلەن بىللە ، ئۆزى باس گىتار چالىدۇ.
__ لوفاڭمۇ پىڭفاڭمۇ؟
__ پىڭفاڭ ئۆي، يېقىندا ئۇنى چاقىدۇ دەيدۇ. فاڭدۇڭ ئوبدان خەنزۇ ئىدى.
__ ئەمىسە يېنىپ كەل، بىللە تۇرىلى، ئىجارىسىنى تەڭ تۆلەيلى.
داپچى كۈلۈپ قويدى، «بولدى مەن تۆلەي» دەپ مەيدىسىگەمۇشتلىيالمىغىنىغا قارىغاندا ئۇمۇ تايىنلىق بىر نېمە بولسا كېرەك.
ئەگەر ئۇسسۇلچى قىزنىڭ پىلانى ئىشقا ئاشسا يېڭى بىر زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق باشلىناتتى. ئۇلار نىكاھلىق، ھالال ياشاشتىن نېمىشقا قاچىدىغاندۇ؟ بىر ئۆيدە ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشىسا كىم-كىمنى باشقۇرىدىغاندۇ؟ پۇلنى كىم تۇتۇپ، ئىنچىكە ھېساباتنى كىم قىلىدىغاندۇ؟ پەرىزىمچە، ئۇسسۇلچى قىز بۇ شەھەردە يېتىلدۈرگەن سودا كاللىسى بويىچە كېچىلىك تۇرمۇشنىمۇ پۇلغا سۇندۇرۇپ، بۇ داپچىنى ئۆزىگە مۇتلەق بېقىندۇرۇشى مۇمكىن.چۈنكى قىز بۇ ئەپتىدە ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە داپچى ئۇنىڭ ئۇسسۇلىنىڭ رېتىمى، سالمىقى، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە بېقىپ داپ چېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئەركەكلىك كۈچ-قۇۋۋىتى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قىممەتكە ئىگە؟ ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، ۋاقتى كەلگەندە بۇ قىز ئۇنى «ئېشەك، ھايۋان» دەپ تىللىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا يەنە بۇ بىچارە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئايال خوجايىن ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغان ئەردەك يەرگە قاراپ تۇرىدۇ. ھەزىلەك، بىچارە ئەر…. مۇشۇنداق ئويلاش ئارقىلىق ئورتاق ھېسداشلىق تۇيغۇسىدا، غەزەپلىك بىر ئىزتىراپ ئىچىدە بۇ لەنىتى تانسىنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۈتتۈم. ئۇسسۇلچى قىزنىڭ ۋۇجۇدى ھاياتنىڭ بېسىمىغا قۇرتتەك يۇمشاق، ئىلاستىكىلىق بىر كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا تولغانىدى، قاپقارا كۆزلىرى، ئىلىپتەك بۇرنى، قىپقىزىل لەۋلىرى، نازۇك بوينى، كۆكسى، ئىنچىكە بېلى، كىندىكى، تۈپتۈز پاچاقلىرى…نىڭ ھەممىسى پۇلغا، بەختكە تەييارلانغان ئېسىل نەرسىلەر ئىدى. پاھىشەلەرنىڭمۇ تۈرى، قاتلىمى، دەرىجىسى بولىدۇ، مەن بۇ قىزغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ماڭا يوشۇرۇن نىدا قىلىدۇ، بۇ نىدانىڭ ماھىيەتلىك بىر چوڭقۇرلۇقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:«مېنىڭ بەدىنىم چىرايلىق دۇكان، قاملاشقان ئەزالىرىم ئېسىل مال، بۇنىڭ ھەممىسى دەسمىي، مەبلەغ، كىرىم، ھەممىسى پۇل، پۇل، پۇل، پۇلغا كىم ئامراق ئەمەس، ھەممىسى ئېھتىياج، قۇرۇق گېپىڭنى قوي، مىڭ كوي بەرسەڭ سېنىڭ ھاجىتىڭدىنمۇ چىقىمەن، ھەسرەتلەنمەيدىغان، مېنى جالاپ دەپ تىللىمايدىغان بولىسەن، چۈنكى جىنسىي ئىستەك غەزەپ، ھەسەت پەيدا قىلىدۇ،بۇ ئىستەكلىرىڭ قانغاندا يۇۋاشلاپ، ھەممىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولۇپ كېتىسەن…».
تانسا ئاخىر تۈگىدى، قولۇمنى قويۇۋەتكەن، « قوينۇمدىن چىقىپ كەتكەن» ئۇسۇلچى قىزغا ئەلەم بىلەن پىچىرلاپ «رەھمەت»دېدىم، لېكىن ئۇ بۇنى ئاڭلىمىدى، ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ جايىغا كەتتى. مەن قولىنى ۋە بېلىنى تۇتقاندىن باشلاپ كاللامدىن پەقەت چىقىرالمىغان بۇ قىزنىڭ مېنى شۇ قەدەر ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۆزەمگە ھاي بەردىم، ھالسىز قەدەم بىلەن جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم، تانسىلىرىدىن كۆڭلى قانغان بويتاقلار قىزغىنلىق بىلەن يەنە ئىچىشىشكە باشلىدى. ئەسلىدە ھەممە ئادەم دائىم ئازابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھاراق دېگەن بۇ ئېشەك سۈيدۈگىنى ھاڭگىلىق، ئەركەكلىك، خۇشاللىق ۋە ئەركىنلىكنى تېپىش ئۈچۈن ئىچىشسە كېرەك. كورىيە فىلىملىرىدىكى ۋاپادار، گۈزەل قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئىت گۆشى يەيدىغانلىقىنى ئويلاپ سەسكىنىپ كەتكەندەك تېز يۈز بېرىدىغان كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىگە كۆنۈپ كەتتىم، ئادەم دائىم خاتالىشىدۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىمەن، ئۇسسۇلچى قىزنىڭ ئەركەكلىكىمگە قىلغان يوشۇرۇن ھاقارىتىنىڭ ئەلىمىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، ئۇ مېنىڭ خوتۇنۇم ياكى سۆيگۈنۈم ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ھېچ ئاساسىممۇ يوق، لېكىن بۇ ئەلەمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمىدىم. (تۈگىدى) [/color]
ھاقارەت (ھېكايە)

باھا يېزىش